ئاپېلسىن ۋە ماندارىن
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئاپېلسىن ۋە ماندارىن تۈرىدىكى مېۋىلەر (ئاپېلسىن، لىمون، ماندارىن قاتارلىقلار) ئېلىمىز خەلقى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مېۋىلەر بولۇپ، سۇزاپ ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدا27 تۈر، پەقەت ئېلىمىزدىلا21 تۈرى بار. ئەڭ چوڭى قاپاق ئاپېلسىن بولۇپ، دىئامېتىرى25 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەڭ كىچىكى تاغ ئاپېلسىنى بولۇپ، دىئامېتىرى1 سانتىمېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرىدىن قۇملۇق قاپاق ئاپېلسىنى، گۇاڭدۇڭنىڭ پېڭ گەن ماندارىنى، ۋېنجۇنىڭ مىجۈ ئاپېلسىنى، خۇاڭيەننىڭ چىلگە ئاپېلسىنى، نەنفېڭنىڭ مىجۈ ئاپېلسىنى، فوجيەننىڭ خۇڭجۈ ئاپېلسىنى، شىن خۇينىڭ تيەن چىن ئاپېلسىنى، لىمۇن، شياڭيۇەن، بەرغۇمۇت، دەي دەي، سېسىق ئاپېلسىن قاتارلىقلار بار.
ئاپېلسىن بىلەن ماندارىنلار سىرتقى تۈزۈلۈشى جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. ئادەتتە مېۋىسىنىڭ دىئامېتىرى5 سانتىمېتىردىن چوڭ، مېۋە شۆپۈكى قىزغۇچ سېرىق ھەم يىرىك ۋە قېلىن، چوققىسىدا تۇمشۇقى بارلىرى «ماندارىن» دېيىلىدۇ؛ مېۋىسىنىڭ دىئامېتىرى5 سانتىمېتىردىن كىچىك، مېۋە شۆپۈكى يۇمشاق، نېپىز ھەم ئوچۇق قىزىل ياكى قىزغۇچ سېرىق، چوققىسىدا تۇمشۇقى يوقلىرى «ئاپېلسىن» دېيىلىدۇ.
ئاپېلسىن ۋە ماندارىنلار دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، ئەتىيازنىڭ ئاخىرلىرى ۋە يازنىڭ باشلىرىدا ئاق چېچەكلەيدۇ. مېۋىسى ياپىلاق ھەم يۇمىلاق شەكىلدە، قىزىل ياكى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بولۇپ، چۈچۈمەل ۋە تاتلىقلىقى ھەرقايسىسىنىڭ ئوخشاشمايدۇ.
ئاپېلسىن ۋە ماندارىنلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە ساخاروزا، گلۇكوزا، فرۇكتوزا، لىمانات كىسلاتا ۋە ئالما كىسلاتاسى قاتارلىقلار بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قەنتلەر بىلەن كىسلاتالارنىڭ نىسبىتى8 :1 بولغاچقا، ئالاھىدە بىر خىل تەمگە ئىگە. ئاپېلسىن بىلەن ماندارىنلارنىڭ تەركىبىدە يەنە15 خىل ۋىتامىن ۋە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ماگنىي، كالىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بولىدۇ.
جۇڭگو تېبابىتىدە ئاپېلسىن ۋە ماندارىنلارنىڭ مېۋە شۆپۈكى، مېۋە يىپچىلىرى، ئۇرۇقى ۋە مېۋە ئېتى قاتارلىقلارنى خېلى بۇرۇنلا دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلگەن. ئاپېلسىن ۋە ماندارىنلارنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق ۋە چۈچۈمەل بولۇپ، خىلىتلارنى ھاسىل قىلىپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىپ كەيپىياتنى ياخشىلاش، ئۆپكىنى نەمدەپ يۆتەل توختىتىش، مەستلىكنى يېشىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.
ئاپېلسىن ۋە ماندارىنلارنى ھۆل پېتى يېگەندىن سىرت، يەنە ئۇلارنى پىششىقلاپ مېۋە مۇرابباسى، مېۋە ھارىقى، مېۋە شەربىتى ۋە مېۋە كونسېرۋاسى ياساشقا بولىدۇ. مېۋە پوستىنى تۇزلاپ ئىشلىتىشكە، بالقاق ياساشقا، مۇئەتتەر (خۇش پۇراق جەۋھىرى) ئېلىشقا، پېكتىن (مېۋە يېلىمى) ياساشقا بولىدۇ. ئۇرۇقىدا %32 ئەتراپىدا ماي بولۇپ، ماي ئايرىۋېلىشقا بولىدۇ.