بانان
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
بانان دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ داڭلىق مېۋىلەرنىڭ بىرى. ئۇ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى مالايسىيا، ھىندىستان ۋە ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىن چىقىدىغان بولۇپ، نەچچە مىڭ يىللىق ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە. ئېلىمىز پاكار ئۆسىدىغان باناننىڭ ماكانى بولۇپ، ئۇ، لىجى، ئاناناس، ئاپېلسىن ۋە ماندارىنلار بىلەن قوشۇلۇپ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ تۆت چوڭ داڭلىق مېۋىسى دېيىلىدۇ. قەدىمكى ئادەملەر باناننى «ئۇزۇنچاق سېرىق مېۋە» دەپ ئاتىغان.
بانان بانان ئائىلىسىگە كىرىدىغان، شۇنداقلا دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخسىمان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. ئۇنىڭ شەكى (مورفولوگىيىسى) ئالاھىدىرەك بولۇپ، ئوق يىلتىزى بولماستىن، پەقەت يەر ئاستى غولىدىن ئۆسۈپ چىققان تۇراقسىز يىلتىزلىرىلا بولىدۇ؛ ئاساسىي غولى بولماستىن، پەقەت قاتمۇقات بېسىلغان كاھىشسىمان يوپۇرماق غىلاپلىرىنىڭ ئۈستى - ئۈستىلەپ دەستىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان «يالغان غولى» لا بولۇپ، تېرەپ تۇرۇش ۋە ماددىلارنى توشۇش رولىنى ئوينايدۇ. باناننىڭ گۈلى مۇكەممەل گۈل بولۇپ، مۇرەككەپ باشاقسىمان گۈل رېتىگە رەتلىك تىزىلىپ ئۆسىدۇ. كۆپىنچە گۈل ئوقىنىڭ تۈۋى قىسمىدىكى گۈللىرى بالدۇر يېتىلىپ مېۋىلەپ تۇرىدۇ، ئۇچى قىسمىدىكى گۈللىرى بولسا ئارقا - ئارقىدىن داۋاملىق يېتىلىپ مېۋىلەيدۇ. باناننىڭ مېۋە باشىقى6 ~12 گىچە مېۋە بۆلىكىگە بۆلۈنىدۇ، ھەربىر مېۋە بۆلىكىدە5 ~20 گىچە مېۋە بولىدۇ. بىر چوڭ بانان ساپىقىدا تەخمىنەن200 تالغىچە بانان بولۇپ، ئېغىرلىقى40 −50 كىلوگرام كېلىدۇ. تىكىپ ئۆستۈرۈلىدىغان بانانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر جىنسلىق مېۋىلەيدىغان بولغاچقا ئۇرۇقى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇ كۆپىنچە شورالما بىخ ۋە يەر ئاستى شارسىمان غوللىرى ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ.
باناننىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۆزگىرىشى مۇرەككەپ. پۈتۈن دۇنيادا باناننىڭ50 تىن ئارتۇق تۈرى،300 دىن ئارتۇق تىكىپ ئۆستۈرۈلىدىغان سورتلىرى بار. بانان ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچىسى، مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدىغان بانانلار. مەسىلەن، قوناقگۈللۈك بانان، قىزىلگۈللۈك بانان ۋە يۇكيۇ بانانى قاتارلىقلار؛ ئىككىنچىسى، مېۋە كۆكتات خىلىدىكى بانانلار بولۇپ، ئادەتتىكى بانان ۋە تاتلىق بانان دەپ بۆلۈنىدۇ. دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەر باناننى ئاشلىق ياكى كۆكتات ئورنىدا يېمەكلىك قىلىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، تالا خىلىدىكى بانانلار بولۇپ، بۇ خىلدىكى بانانلارنىڭ غولى ئېگىز ھەم ئىنچىكە، تالالىرى ئېلاستىكلىق بولغاچقا، كاناپ توقۇلمىلىرىنىڭ خام ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل بانان «كەندىر بانان» دەپمۇ ئاتىلىپ، كۆپىنچە فىلىپپىندىن چىقىدۇ.
باناننىڭ تەركىبىدىن قارىغاندا، ئۇنى مېۋىلەر پادىشاھلىقىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى قۇرۇق ماددا مىقدارىلا %90 تىن ئارتۇق بولۇپ، %4 .4 ئاقسىل بولىدۇ. تەركىبىدىكى ۋىتامىن A نىڭ مىقدارى ئالمىنىڭكىدىن تۆت ھەسسە، ۋىتامىن2 B نىڭ مىقدارى ئالما، ئاپېلسىن ۋە ماندارىنلارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە، نىكوتىنىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئالما، ئاپېلسىنلارنىڭكىدىن يەتتە ھەسسە كۆپ بولىدۇ. ئەنگلىيىلىك ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، بانان (بولۇپمۇ كۆك بانان) تەركىبىدە ئاشقازان شىللىق پەردىسى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ماددىلار بولۇپ، ئاشقازان يارىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار ئىكەن.