UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىسەمشىت دەرىخى

سەمشىت دەرىخى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى شاخ يوپۇرماقلىرى بۈك - باراقسان، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ تۇرىدىغان سەمشىت دەرىخى ھويلا باغچىلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان مەنزىرە دەرىخى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى تېرە ماددىسى بولىدىغانلىقى ھەمدە ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرىدە بىرقەدەر قېلىن مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋىتى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، خلور گازى، ھىدروسولفىت، ھىدروفتورىد قاتارلىق زەھەرلىك گازلارغا قارشى تۇرۇش كۈچى ناھايىتى ئۈستۈن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە زەھەرلىك گازلارنى سۈمۈرۈپ، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇنىڭ خلورنى سۈمۈرۈش مىقدارى بۇلغىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى خېلى كۈچلۈك بولغان توققۇز تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. سەمشىت دەرىخى «بۇكسۇس دەرىخى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆزگەرگەن سورتلىرى كۆپرەك، ئۇ سەمشىت ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. ئېگىزلىكى6 مېتىرغا يېتىدۇ. غولى تۆت قىرلىق، يوپۇرمىقى تېرە ماددىلىق، يۇمىلاقسىمان دۈم تۇخۇم شەكىللىك، چوققىسى سەل - پەل ئويۇق ياكى دىقماق، يۈزى توق يېشىل، دۈمبە تەرىپى ئاق بوز رەڭلىك. ئەتىيازدا سېرىق رەڭلىك ئۇششاق چېچەكلەيدۇ. گۈللىرى يوپۇرماق قولتۇقىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ. سەمشىت دەرىخىنىڭ ئەسلىي ماكانى مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر بولۇپ، ھازىر ھەرقايسى جايلاردا ئۆستۈرۈلمەكتە. سەمشىت دەرىخىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا،80 -90 يىل ئۆسكەن دەرەخنىڭ دىئامېتىرى ئاران10 سانتىمېتىر كېلىدۇ. سۇجۇ شەھىرى گۇاڭ فۇسىتۇ بۇتخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىر تۈپ قەدىمىي سەمشىت دەرىخى بار بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە،700 ياشقا كىرىپتۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئېگىزلىكى10 مېتىرغا يەتمەيدۇ، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى ئاران30 سانتىمېتىر كېلىدۇ. شۇڭا «مىڭ يىلدىمۇ چوڭ بولمايدىغان سەمشىت» دېگەن تەمسىل بار. سەمشىت دەرىخى قىرقىپ پۇتاشقا چىداملىق. كۆپىنچە يان - ياقىلارغا يېشىل چىتلاق قىلىپ ئۆستۈرۈلىدۇ ياكى قىرقىپ گۈللۈك ۋە ھەر خىل گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەردىكى چىتلاق - قاشا شەكلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمكى كلاسسىك ھويلا باغچىلىرىدا، يەنە ئۇنى شىر، تۇرنا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ شەكلىگە كەلتۈرۈپ ياساپ قويۇلىدۇ. سەمشىت دەرىخىنىڭ ياغىچى قاتتىق، چىڭ بولۇپ، ئويمىچىلىق ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە ياغاچ تارغاق، سۈزگۈچ قاتارلىقلارنى ياساشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سەمشىت دەرىخى | UyghurWiki | UyghurWiki