چۈجگۈن
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
چۈجگۈن چۈجگۈن قوناق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەملىكىتىمىز ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى بولۇپ،8000 يىلدىن ئارتۇق تېرىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە.
چۈجگۈن ياۋا ئۆسۈملۈك پايزا (چۈجگۈن ئوت)دىن يېتىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىلىۋاتقان چۈجگۈنلەرنىڭ ھەممىسى ئېلىمىزدىن كىرگۈزۈلگەن. پۈتۈن دۇنيا بويىچە چۈجگۈن تېرىش كۆلىمى تەخمىنەن1 مىليارد مو ئەتراپىدا بولۇپ، ئېلىمىزدە ئەڭ كۆپ تېرىلىدۇ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىمۇ ئەڭ يۇقىرى. ئۇ ئادەتتە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلارغا ۋە شەرقىي شىمال، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلارغا كۆپرەك تارقالغان.
چۈجگۈن بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، باشاقلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ ئىسسىق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك. بۇ ھەقتە دېھقانلارنىڭ «تاغلاردا بامبۇكلار قۇرۇپ كەتسىمۇ، ئېتىزلاردىكى چۈجگۈنلەر قۇرۇمايدۇ» دەيدىغان تەمسىلى بار بولۇپ، چۈجگۈننىڭ قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ ھەم قۇرغاقچىلىق ۋە مۇنبەتسىزلىككە چىداملىق، ھەم تۇپراقنىڭ كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىقىدىن قورقمايدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە ئېلىمىزنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى قۇرغاق رايونلار، شۇنىڭدەك مۇنبەتسىز تاغلىق رايونلىرىدا كۆپرەك تېرىلىدۇ. پىشىپ يېتىلىشىنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىكىگە قاراپ چىلگە چۈجگۈن، ئارا چۈجگۈن ۋە كەنجى چۈجگۈن دەپ بۆلۈنىدۇ؛ دېنىنىڭ يېپىشقاقلىقىغا قاراپ نومى چۈجگۈن، يېپىشقاق چۈجگۈن دەپ بۆلۈنىدۇ.
چۈجگۈننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە2 .9 ~ 7%.14 كىچە ئاقسىل،0.3 ~% 6 .4 كىچە ماي ۋە ۋىتامىنلار بولىدۇ. ئۇ يېمەكلىك قىلىنغاندىن سىرت، يەنە ھاراق ئېچىتىش ۋە سولور شېكىرى ياساشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.