باغ
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ئادەتتە ئوت - چۆپ ۋە باشقا باغلىنىپ توشۇيدىغان - يۆتكىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدۇ. ئادەتتە بىر قۇچاق كەلگۈدەك نەرسىنى بىر باغلام قىلىپ چىغ، تا، كەندىر، توزغاق يوپۇرمىقى، مۈشۈك قۇيرۇق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تال - يوپۇرماقلىرى بىلەن باغلايدۇ. بېدە، قوناق شېخى، ئۈنچە، قوراي قاتارلىقلار يىغىۋېلىنغاندا بىر قۇچاقتىن قىلىپ باغلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بېدىنىڭ بېغى كىچىكرەك بولىدۇ. چۈنكى يېزىلاردىكى بېدە ۋە ئوت - سامان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بېدىنى كۆپرەك پۇل قىلىۋېلىش ئۈچۈن كىچىكرەك باغلاپ، بازارغا ئاپىرىپ باغ سانى بويىچە ساناپ ساتىدۇ.