ئەگىن
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئەگىن (agin) ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. <تۈركى تىللار دىۋانى> دا <agin> - ئېنى بىر يېرىم غېرىچ، بويى تۆت گەزلىك بىر خىل بۆز. سۇۋار قەبىلىسى شۇنىڭ بىلەن سودا - سېتىق قىلىدۇ< (مەھمۇد قەشقىرى: >تۈركىي تىللار دىۋانى<، Ⅰ توم، 106 - بەت) دېيىلگەن. قارىغاندا بۇ >قامدۇ< بىلەن شەكىل جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەمما قامدۇدىن سەل چوڭراق، بىر خىل رەخت پۇل بولسا كېرەك. ئەمما ئۇنىڭ قىممىتى ئېنىق ئەمەس.