سەر
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ئادەتتە ئالتۇن - كۈمۈش، دورا - دەرمەك قاتارلىق بۇيۇملارنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ كونا ئۆلچەم بىرلىكلىرى قانۇنىدا 16 سەر بىر جىڭغا ياكى 10 مىسقالغا تەڭ دەپ بەلگىلەنگەن. كېيىن ئۇ ئۇ بىر جىڭنىڭ 10 /1 ىگە تەڭ بولۇپ، بىر سەر 50 گرامغا تەڭ بولغان. قەدىمدە ئۇ يەنە پۇل بىرلىكى قىلىپمۇ قوللىنىلغان، <سەر Ⅰ> گە قاراڭ.