UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىكۇرۇھ

كۇرۇھ

ئۆلچەم بىرلىكلىرى كۇرۇھ - ھىندىستاننىڭ مۇساپە ئۆلچىمى بولۇپ، قەدىمدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆپ جايلاردا قوللىنىلغان. بابۇر ھىندىستانلىقلارنىڭ <مىل> نى <كۇرۇھ> دەيدىغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ 4000 قەدەمگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. <كۇرۇھ> ھىندىستان مۇساپە ئۆلچىمى kos ياكىkor نىڭ پارسچە يېزىلىشى بولۇپ، ھەر قايسى دەۋرلەردە ئىپادىلگەن مۇساپىسى ئوخشاش بولمىغان. ھىندىستاندا kos بىر يېىم مىلغا باراۋەر. ئەكبەر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە بىر kos 500 ئىلاھى گەزگە تەڭ دەپ بېكىتىلگەن، بۇ تەخمىنەن ئىككى يېرىم مىلدىن كۆپرەك كېلىدۇ. كېيىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىلىدىغان kos نىڭ ئۇزۇنلۇقى بۇنىڭدىن بەكلا كىچىكلەپ كەتكەن. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر 100 كۇرۇھنى 30 يولغا باراۋەر دەپ يازغان. شۇنداق بولغاندا بىر كۇرۇھ 0.3 يول بولىدۇ (مىرزاا مۇھەممەد ھەيدەر: <تارىخى رەشىدى> <خەنزۇ تەرجىمىسى>، 440 - بەت).
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى