UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىمەنزىل

مەنزىل

ئۆلچەم بىرلىكلىرى مەنزىل - قونالغۇ، بېكەت، ئۆتەڭ، تۇرار جاي دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق (يول، مۇساپە) ئۆلچەم بىرلىكى. قەدىمدە بىر مەنزىل بىر ئايلىق يول، يەنى پىيادە بىر ئايدا بېسىپ بولغىلى بولىدىغان يولنى كۆرسەتكەن. چۈنكى قەدىمكى زاماندا شەھەر بىلەن شەھەرنىڭ بىر ئەل يەنە بىر ئەلنىڭ ئارىلىقى يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرىسىدا ئۆتەڭ ياكى قۇنالغۇلار تەسىس قىلىنمىغاچقا، مەنزىل ناھايىتى ئۇزاق ئارىلىقنى كۆرسەتكەن. كېيىن ئۆتەڭ تەسس قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆتەڭنى كۆرسەتكەن. يەنى بىرىنچى ئۆتەڭ - بىرىنچى مەنزىل، ئىككىنچى ئۆتەڭ - ئىككىنچى مەنزىلنى بىلدۈرگەن. <تارىخى ھەمىدى> دە تۇرپان بىلەن قۇمۇلنىڭ ئارىلىقى 12 مەنزىل ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى
مەنزىل | UyghurWiki | UyghurWiki