UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىيول

يول

ئۆلچەم بىرلىكلىرى يول - شىنجاڭنىڭ قەدىمكى يول - مۇساپە ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بولۇپ، تۇرپان، قۇمۇللاردا ھازىرغا قەدەر قوللىنىلىپ، كەلمەكتە. پېشقەدەملەرنىڭ ئېيتىشىچە، بىر يول 300 غۇلاچقا باراۋەر كېلىدىكەن. غۇلاچ بىر خىل ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بولۇپ، بىر غۇلاچ 1.66 مېترغا تەڭ كېلىدۇ. مۇشۇ بويىچە <يول> نى مېترغا سۇندۇرساق، بىر يول تەخمىنەن 500 مېترغا تەڭ كېلىدۇ. ئىچكى جايلاردا قوللىنىلىپ كەلگەن <لى> (里) مۇ 500 مېترغا تەڭ.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى