مىلىما
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
مىلىما - شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە ئۇچرايدىغان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، قەدىمكى نىيا بەگلىكى قاتارلىق جايلاردا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان. بۇ نام قەدىمكى يۇنان ۋە مىسىرلاردا ئېغىرلىق ھەم پۇل بىرلىكى قىلىپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يۇنانچە medimous دېيىلىدۇ. پىشامشان شاھلىرى دەۋرىدىكى ھۆججەت -ۋەسىقىلەردە ئادەتتە مىلىما ( milima) دەپ يېزىلغان (لىن مېيسۇن: <نىيادىن تېپىلغان پىشامشان شاھى Tograka دەۋرىگە ئائىت ۋەسىقىلەر ئۈستىدە تەتقىقات>، <شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى>، 1999 - يىللىق 4 - قوشما سان). قارۇشتى يېزىقى تەتقىقاتچىسى ئەنگىلىيىلىك ئالىم رابسون (E.J.Rabson) <بىر مىلىما ئاشلىقنىڭ باھاسى بىر مۇلى ( muli) بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. ئەمەلىيەتتە مۇلى بىلەن مىلىما كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەڭ قوللىنىلىپ <مۇلى> ئارقىلىق تاۋارنىڭ سانى ئىپادىلەنگەن. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا مىلىما khi نىڭ 20 ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، بىر 262.4khi گرامغا، بىر مىلىما ئاشلىقنىڭ ئېغىرلىقى ھازىرقى 12.5 كىلوگرامغا باراۋەر كېلىدىكەن. شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتىچە ھۆججەتتە <...40 تۆگە بىلەن توشۇغاندا، ھەر بىر تۆگىگە ئۈچ مىلىمادىن ئارتىپ ...> دېيىلگەن. يەنە قارۇشتى يېزىقىدىكى 142 - نومۇرلۇق ھۆججەتتە: <ئۆتنە ئالغان ئاشلىق بىر مىلىما khi1> دېيىلگەن؛ نىيادىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى 637 - نومۇرلۇق ھۆججەتتە <... پوگانىنا ھارىقى تۆت مىلىما. ...، پوگانېنا ھارىقىدىن khi12 ...> دېگەن ئىبارىلەر بار. بۇنىدىن قارىغاندا <مىلىما> بىر قەدەر چوڭ ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىچىكى <khi>بولسا كېرەك.