UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىدىراھما Ⅱ (دىرھەم؟)

دىراھما Ⅱ (دىرھەم؟)

ئۆلچەم بىرلىكلىرى دىراھما (drachma) - شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى تىبابەتچىلىككە ئائىت ۋەسىقىلەردە ئۇچرايدىغان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى. بەزى ۋەسىقىلەردە يەنە tiakhma دەپمۇ يېزىلغان. تەتقىقاتچىلار بۇ ئىككى ئاتالغۇ ئوخشاش مەنىگە ئىگە، يازما نۇسخىلاردا d بىلەن t نى ئارىلاشتۇرۇپ يازىدىغان ئەھۋال ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. بۇ سۆز قەدىمكى گرېك تىلىدىكى drachma دىن كەلگەن. سوغدى يېزىقىدىكى <دېدەك ئېلىپ - سېتىش ھۆججىتى> دىمۇ ئۇچرايدۇ دەپ يەكۈنلەيدۇ. drachma ئەسلى بىر خىل كۈمۈش پۇل بىرلىكى بولۇپ، تىبابەتچىلىككە دائىر ھۆججەتلەردە ئېغىرلىق بىرلىكى قىلىپمۇ قوللىنىلىدۇ. (خۇددى قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىدا <باقىر> نىڭ ھەم ئېغىرلىق بىرلىكى ھەم پۇل بىرلىكى قىلىپ قوللىنىلغىنىغا ئوخشاش). تەتقىقاتچىلار بىر دراھمانىڭ 77.3 گرامغا تەڭ بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. گرېك تىلىدا <دىراھما> نىڭ مەنىسى <سىقىم، ئوچۇم، چاڭگال> دېگەنلىك بولۇپ، قەدىمكى يۇناندا بىر ئۆلچەملىك دىراھمانىڭ ئېغىرلىقى 4 /1 ستاتېر (staters) غا تەڭ بولغان (چېىن مىڭ: <يېڭىدىن بايقالغان بىر پارچە قارۇشتى يېزىقىدىكى دورا رېتسىپى توغرىسىدا>، <غەربىي يۇرت تەتقىقاتى>، 2000 - يىللىق 1 - سان). تۈركچە <ئوكيانۇس> تا: <بىر دىرھەم ( dirhem) نىڭ ئېغىرلىقى 2.97 گرامغا، بىر دىرھەم دىنار 70 ئارپا ئېغىرلىقىغا تەڭ> دېيىلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى