UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىجاڭ

جاڭ

ئۆلچەم بىرلىكلىرى جاڭ - ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە بىر جاڭ 10 چى (جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە بىر چى 19.9 سانتىمېترغا تەڭ ئىدى)، يەنى 199 سانتىمېترغا تەڭ ئىدى. خەن سۇلالىسىدىن كېيىن 10 جاڭ بىر يىن (引) دەپ ئاتالغان؛ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە 180 جاڭ بىر چاقىرىمغا تەڭ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگو دەۋرىدە 150 جاڭ بىر چاقىرىم قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. قەدىمدىن بۇيان بىر چى 3 /1 مېتر بويىچە ھېسابلىنىپ كەلگەنلىكتىن، 150 جاڭ توپ توغرا 500 مېترغا تەڭ قىلىنىپ، ھازىرغا قەدەر دېھقانلار ئارىسىدا بازار سىستېمىسىدىكى بىرلىك قىلىپ قوللىنىلىپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى