چى
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
چى - شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمىنىڭ نامى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆلچەم بىرلىكى بولغان <چى> (尺) غا ئوخشىمايدۇ. <تۈركى تىللار دىۋانى> دا مۇندان يېزىلغان: <چى. تۈركلەرنىڭ گەز ئۆلچىمى. بۇ ئەرەب گېزىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىگە تەڭ كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆچمەنلەر بۆز ئۆلچەيدۇ> (مەھمۇت قەشقەرى: <تۈركى تىللار دىۋانى>، Ⅲ توم، 177 - بەت). دېمەك بۇ خاس رەخت تۈرىدىكى نەرسىلەرنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل گەز بولسا كېرەك.
يەنە بىر خىل چى بولۇپ، قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلغان فون گابائىن خانىم: <ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى (qari) غا باراۋەر كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ ch,I شەكلىدە كەلسە ئۇزۇن ۋە قىسقا ئىككى خىل بولغان، كۆپ مىقداردىكى بۆزنى ئۆلچەشتە ئۇزۇن قارى، ئادەتتىكى تۇرمۇشتا قارى ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.
ھازىر قوللىنىلىۋاتقان <چى> ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكىدىن كەلگەن بولۇپ، بىر چى 10 سۇڭغا يەنى 33 سانتىمېترغا تەڭ.