UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىقامدۇ

قامدۇ

ئۆلچەم بىرلىكلىرى قامدۇ خەنزۇچە ماتېرىياللاردا <官布> دەپ يېزىلغان. ئۇ ئەسلىدە بىر خىل رەخت پۇل بولۇپ، قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە قاراخانىيلار تەرىپىدىن كەڭ ئىشلىتىلگەن. مەھمۇت قەشقەرى مۇنداق دەيدۇ: <قامدۇ - بويى تۆت گەز، ئېنى بىر غېرىچ كېلىدىغان بىر پارچە بۆز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر خانىنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولۇپ، سودا - سېتىقتا پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ بۆز كونىرىسا ھەر يەتتە يىلدا بىر قېتىم يۇيۇپ، ئۈستىگە باشقىدىن تامغا بېسىلىدۇ> (مەھمۇت قەشقەرى: <تۈركىي تىللار دىۋانى>. 1 - توم، 546 - بەت).
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قامدۇ | UyghurWiki | UyghurWiki