UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىغېرىچ

غېرىچ

ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. گەرچە ئۇ رەسمىي ئۆلچەم سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئارىسىدا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملىشىپ، بۈگۈنگە قەدەر ئىشلىتىپ كەلمەكتە. شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ھۆججەتلەردە: <... 12 مول (پۇل بىرلىكى) غا يارايدىغان 13 غېرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى بىر پارچە گىلەم ...> دېگەن ئىبارە بار. مەھمۇت قەشقەرى قاراخانىيلار دەۋرىدە نەرسىلەرنى غېرىچلاپ ئۆلچەشنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى تىلغا ئالغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان <تىڭيۈەن غەربىي زېمىن ھەققىدە خاتىرىلەر> دېگەن كىتابتا: ئۇيغۇرلار رەخت سېتىۋالغاندا <ئۇزۇنلۇقىنى غېرىچلاپ تەخمىنەن ھېسابلايدىكەن> دەپ يېزىلغان. ھازىر بىر غېرىچ 25 - 20 سانتىمېتر ھېسابلىنىدۇ
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى