گەز
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
گەز - ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قەدىمكى شىنجاڭدا كەڭ قوللىنىلغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى ۋە ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ نامى. <ئوتتۇرا ئاسىيا موغۇل تارىخى> (تارىخى رەشىدى) نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىگە بېرىلگەن ئىزاھتا: <بىر گەز ئىككى فۇت (بىر فۇت 0.305 مېترغا تەڭ) تىن سەل ئارتۇقراق> (مىرزا ئەھمەد ھەيدەر: <تارىخى رەشىدى> <خەنزۇچە تەرجىمىسى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2 - كىتاب، 148 - بەت) دېيىلگەن. شۇنداق بولغاندا بىر گەز تەخمىنەن 61 سانتمېتردىن سەل ئارتۇق بولغان بولىدۇ. يەنە بەزى مەنبەلەردە بىر گەز = 62 - 68 سانتىمېتر بولىدۇ دېيىلگەن. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن <ئۇيغۇر مەھكىمىسىنىڭ خەت - چەكلىرى> دېگەن كىتابتا <gaz - گەز ئۇزۇنلۇق بىرلىكى، بىر قولنىڭ ئۇزۇنلۇقچىلىك گەز. ئۇ 24 بارماقنىڭ كەڭلىكىگە باراۋەر> دېيىلگەن.