كۈمۈش يۈەن تىزىسى
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
بۇ 1949 - يىلى يازدا شىنجاڭ ئۆلىكىلىك ھۆكۈمەت <پۇل تۈزۈمى ئىسلاھاتى> نى يولغا قويغاندىن كېيىن، تارقىتىلغان قەغەز پۇل نامى بولۇپ، 1951 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە ئوبوروت قىلىنغان. شۇ چاغدا بىر يۈەنلىك كۈمۈش يۈەن تىزىسىغا 350 يۈەن خەلق پۇلى (شىنجاڭ ئۆلىكىلىك ھۆكۈمەت بېسىپ تارقاتقان ئۇيغۇرچە خەتلىك پۇل) تېگىشىپ بېرىلگەن. 1955 - يىلى دۆلىتىمىز خەلق پۇلىنى تارقاتقاندىن كېيىن بىر يۈەنگە تېگىشىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن بۇ پۇلنى يىغىۋالغان (ئىسراپىل يۈسۈپ: <مۇزىيىمىزدا ساقلىنىۋاتقان پۇللاردىن شىنجاڭ تارىخىدىكى پۇللارغا نەزەر>، <شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ژۇرنىلى> 1992 - يىلى 1 - 2 سان).