داچەن
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
داچەن - شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى قىممىتى ئەڭ كىچىك، ئوتتۇرىسى تۆشۈك مېتال پۇلنىڭ نامى. ئۇ، خەنزۇچە پۇل بىرلىكىدىن كەلگەن بولۇپ، ئازادلىقتىن ئىلگىرى شىنجاڭدا 100 داچەنگە بىر سەر تېگىشىلەتتى. بىر داچەن تەخمىنەن ھازىرقى <تىيىن> (پۇڭ) نىڭ 10 دىن بىرىگە باراۋەر كېلەتتى.