غۇلاچ
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ ئومۇملاشقان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. ئاساسەن ماتا - بۆز ئۆلچەشتە قوللىنىلىدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا قەدىمكى بىر غۇلاچ 1.66 مېترغا تەڭ بولىدىكەن. <تۈركى تىللار دىۋانى> دا: <kulaq - غۇلاچ. بۇنىڭ ئەسلىسى kulaq - قولنى ئاچ دېگەن بولىدۇ. kulaq barqin - بىر غۇلاچ تاۋار> (مەھمۇت قەشقەرى: <تۈركىي تىللار دىۋانى>. Ⅰ توم، 465 - بەت) دەپ ئىزاھلانغان. بۇنىڭدىن <غۇلاچ> دېگەن ئۆلچەم نامىنىڭ <قولنى ئاچ> دېگەن سۆزدىن كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدىلا قوللىنىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت يەنە تۇرپاندا كارىزنىڭ تەشمە ئارىلىقى، تۈڭلۈك چوڭقۇرلۇقى ئاساسەن غۇلاچ بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇنىڭدا بوي تۇرقى نورمال ئادەمنىڭ غۇلىچى ئۆلچەم قىلىنغان.