UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىيارماق

يارماق

ئۆلچەم بىرلىكلىرى يارماق - ئۇيغۇرلار قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئالدى - كەينىدىن باشلاپ قوللانغان پۇل بىرلىكى ۋە مېتال (كۈمۈش) پۇل نامى. مەھمۇت قەشقەرى <پۇچۇق يارماق> سۆزىنى تىلغا ئالغاندا، بۇنىڭغا قارشى ھالدا پۈتۈن يارماق (دۈگىلەك يارماق) مەنىسىدىكى yap yarmak سۆزىنى مىسال قىلغان. بۇنىڭدىن قاراخانىلار دەۋرىدە <پارچە پۇل> ئورنىدىكى <پارچە يارماق> ياكى <پۇچۇق يارماق> نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئالاھىدە ئەھۋالدا يارماق پۇللارنى پارچىلاپ يەنى بۆلۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ دەۋردە يارماق پۇللار ئادەتتە مەخسۇس پۇل تارتىدىغان تارازىدا ئۆلچەپ ئوبوروت قىلىناتتى. ئازادلىقتىن ئىلگىرى غۇلجىدا بىر يارماق ئۈچ - تۆت تومپۇرغا، ئۈچ يارماق بىر تيىنگە ئايرىۋاشلىناتتى.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى