سۆكتى
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قۇچۇ ئۇيغۇرلىرى ئىشلەتكەن پارچە پۇل نامى بولسا كېرەك. <قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر> دە: <تۆرت ستر بىش باقىر سۆكتى ئالتۇن> دېگەن ئىبارە بار. بۇنى كىتاب مۇئەللىپلىرى <تۆت سەر بەش مىسقال سۆكتى ئالتۇن> دەپ تەرجىمە قىلغان. بۇ ئالتۇننىڭ سۈپىتىگە قارىتا ئېيتىلغانمۇ ياكى پارچە پۇلغا قارىتا ئېيتىلغانمۇ؟ بۇنىسى تازا ئېنىق ئەمەس.