پۇڭ Ⅰ
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
پۇڭ - يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئەڭ كىچىك پۇل بىرلىكىنىڭ نامى بولۇپ، 100 پۇڭ 1 يۈەنگە تەڭ بولىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدا ئۇ <تىيىن> دېيىلىدۇ، جەنۇبتا بولسا <سىنىت> (خوتەن، يەكەن قاتارلىق جايلاردا) ۋە <پۇڭ> (قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا) دېيىلىدۇ. بازار سىستېمىسىدا بىر پۇڭ 10 لىغا تەڭ. ئۇ يەنە يەر مەيدان بىرلىكى قىلىپمۇ ئىشلىتىلىدۇ.