UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىقۇنپۇ

قۇنپۇ

ئۆلچەم بىرلىكلىرى قۇنپۇ (kunpu) دېگەن بۇ پۇل بىرلىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە (kanpu) ۋە ( kuanpu) شەكىللىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قۇل سېتىۋېلىشقا دائىر بىر پارچە ھۆججەتتە: <... بازاردا ئۆتۈۋاتقان ھەر ئون چىسىغا تامغا بېسىلغان يۈز قۇنپۇغا ...> دېگەن ئىبارە بار. مۇھەممەتېريىم سايىت بىلەن ئىسراپىل يۈسۈپ ئەپەندىلەر بۇ پۇل بىرلىكى خەنزۇ تىلىدىكى <官布> نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ (مۇھەممەترېيىم سايىت، ئىسراپىل يۈسۈپ: <قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 185 - بەت). بىر قۇنپۇ <ئون چى ئۇزۇنلۇقتىكى تامغا بېسىلغان بۆز> پۇلنى كۆرسەتسە كېرەك. ئۇنىڭ كونكرېتنى قىممىتى مەلۇم ئەمەس.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قۇنپۇ | UyghurWiki | UyghurWiki