دەقىقە
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ۋاقىت ھېسابىدا سېكىنۇتنىڭ 60 تىن بىر بۆلىكىگە تەڭ بولغان ئەڭ كىچىك ۋاقىت بىرلىكى.
قەدىمكى زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا سائەتتىن كىچىك ۋاقىت بىرلىكى دەقىقە بولغان. بىر كېچە - كۈندۈز 1440 دەقىقىگە بۆلۈنگەن. دەقىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى توغرىسىدا <بابۇرنامە> دە <سۈرە فاتىھەنى بىسمىللا بىلەن قوشۇپ ئالتە قېتىم ئوقۇغانچە بولىدۇ> دېيىلگەن.