رابات
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
رابات - پارس تىلىدىن كەلگەن نام بولۇپ، <ئۆتەڭ، چۈشكۈن، بېكەت> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قاتناش ۋە پوچتا - ئالاقە ئىشلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىكى <تۇر>، <ھەربىي بېكەت> لەر ئاساسىدا راباتلارنى تەسىس قىلغان. 1900 - يىللاردا 40 - 50 روسىيە لىسى كېلىدىغان ئارىلىقتا بىردىن رابات قۇرۇپ، پوچتاليون بىر كۈندە 140 - 200 روسىيە لىسى كېلىدىغان ئارىلىقنى بېسىپ بولۇش بەلگىلەنگەن. شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، يول بويلىرىدىكى بارلىق ھەربىي بېكەت ۋە گازارمىلار راباتقا ئۆزگەرتىلگەن، پوچتا ئىشلىرىنى مەزكۇر راباتلار ئۈستىگە ئالغانا. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ بويىچە تۆۋەندىكى 15 رابات لېنىيىسى تەسىس قىلىنغان:
ئۈرۈمچى - قومۇل لېنىيىسىدە 20 رابات؛
گۇچۇڭ - جيايۈگۈەن لېنىيىسىدە 30 رابات؛
ئۈرۈمچى - بارىكۆل - قۇمۇلا لېنىيىسىدە فۇكاڭ، جىمسار، گۇچۇڭلارنىڭ بېسىپ ئۆتىدىغان 22 رابات؛
گۇچۇڭ - قۇبدۇ لېنىيىسىدە تۆت رابات؛
ئۈرۈمچى - ئالتاي لېنىيىسىدە 12 رابات؛
ئۈرۈمچى - چۆچەك لېنىيىسىدە 20 رابات؛
ئۈرۈمچى - غۇلجا لېنىيىسىدە 23 رابات؛
ئلى - ئاقسۇ لېنىيىسىدە 16 رابات؛
تۇرپان - كۇچا لېنىيىسىدە 23 رابات؛
قاراشەھەر - لوپنۇر - چارقىلىق لېنىيىسىدە 16 رابات؛
كۇچا - ئۈچتۇرپان لېنىيىسىدە 13 رابات؛
ئاقسۇ - يەكەن لېنىيسىدە 17 رابات؛
مارالبېشى - پەيزىۋات - قەشقەر - يېڭىسار - يەكەن لېنىيىسىدە 16 رابات؛
يەكەن - خوتەن لېنىيىسىدە 15 رابات؛
يەكەن - تاشقورغان لېنىيىسىدە 12 رابات؛
ئالتاي - ماناس لېنىيىسىدە 16 رابات؛
يەكەن - پىچان لېنىيىسىدە 50 دىن ئارتۇق رابات بار ئىدى.