تومپۇر
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
تومپۇر - مىستىن قۇيۇلغان تۆشۈكى يوق، دۈگلەك مىس پۇللارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ 1907 - يىلىدىن 1933 - يىللىرىغىچە ئوبوروت قىلىنغان. ئۈرۈمچىدە تارقىتىلغان تومپۇر ئىككى خىل بولۇپ، بىرى 10 داچەنگە، يەنە بىرى 20 داچەنگە باراۋەر بولغان؛ قەشقەر، ئاقسۇلاردا تارقىتىلغان تومپۇرلار 10 داچەنگە باراۋەر بولغان. ئاقسۇدا قۇيۇلغان بەزى تومپۇرلارنىڭ كۆرۈنىشى سەت، قوپال بولغانلىقتىن <قوتۇر تومپۇر> دەپمۇ ئاتالغان.