شىڭ
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
فون گابائىننىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ نام خەنزۇ تىلىدىكى <升> دىن كەلگەن بولۇپ، بىر كۈرىنىڭ 10 /1 ىگە تەڭ ئىكەن. قۇجۇدىن تېپىلغان ئىجتىمائىي - ئىقتىسادقا دائىر ھۆججەتلەردە <بىر شىڭ ئۆچكە سۈتى> دېگەندەك ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ. <خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت> تە: < بىر شىڭ بىر لىترغا باراۋەر؛ بىر كۈرە 10 شىڭغا تەڭ؛ بىر شىڭ 10 ئوچۇمغا تەڭ> دېيىلگەن. <سىخەي> دە: <قەدىمدە 80 ئورام رەخت بىر شىڭغا تەڭ بولاتتى> دېيىلگەن. قارىغاندا <شىڭ> قەدىمدە ھەم سۇيۇق نەرسىلەرنى ئۆلچىگەندە قوللىنىلىدىغان، ھەم رەخت ئۆلچەيدىغان بىر خىل ئۆلچەم بىرلىكى بولسا كېرەك.