مىل
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
مىل - ئەسلىدە ئەنگلىيە ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى دەپ قارىلىدۇ. ئەمما <تارىخى رەشىدى> نىڭ مۇئەللىپى بۇ ئۆلچەم بىرلىكى بىلەن مۇساپە ئىپادىلىگەن. مەسىلەن بۇ كىتابتا: يەكەن دەرياسىنىڭ كەڭلىكى توغرىسىدىكى باياندا <بەزى جايلىرىنىڭ كەڭلىكى بىر ئۆلچەملىك مىل كېلىدۇ، ھەر قانداق بىر جاينىڭ چوڭقۇرلۇقى تۆت گەزدىن كەم ئەمەس> دېيىلگەن. باشقا يەرلىك تەزكىرە ۋە تارىخ كىتابلاردا <مىل> دېگەن ئۆلچەم نامى ئۇچرىمىغانىدى. ئىلگىرى ئەرەب ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئازدۇر - كۆپتۇر ئۇچرايدىغان بۇ نام ئەرەبلەردە 100 قەدەم ئۇزۇنلۇقنى بىلدۈرەتتى. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان بولۇشى تامامەن مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا ئۇ بۇ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم نامىنى شۇ ئەسەرلەردىن قوبۇل قىلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا بۇ يەردە يېزىلغان <يەكەن دەرياسىنىڭ بەزى جايلىرىنىڭ كەڭلىكى 100 قەدەم> بولغان بولىدۇ. يەنى بىر مىل 100 قەدەمگە تەڭ بولىدۇ.
<بابۇرنامە> دە يېزىلىشىچە: بىر مىل 4000 قەدەم بولىدۇ. بۇنى ھىندىستانلىقلار بىر كۇرۇھ دەپ ئاتىغان. بىر قەدەم بىر يېرىم قارى بولىدۇ؛ بىر قارى ئالتە تۇتام بولىدۇ؛ بىر تۇتام تۆت ئىلىك بولىدۇ؛ بىر ئىلىك ئالتە دانە ئارپىنىڭ كەڭلىكىچىلىك بولىدۇ.
خەلقئارا بىرلىك سىستېمىسىدا <مىل> ئادەتتە mile، mil بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن بىر ئەنگلىيە مىلى 5280 فوت ياكى 1609.344 مېترغا تەڭ بولىدۇ