UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىقاپ

قاپ

ئۆلچەم بىرلىكلىرى قاپ - رەختتىن، تېرىدىن تىكىلگەن ياكى چىگە، يۇڭ، پاختا يىپلىرى بىلەن توقۇلغان. ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ھەجىم ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى. ئۇ قەدىمدە ھاراق قاچىلايدىغان تۇلۇمنى كۆرسىتەتتى. فون گابائىن خانىم <قاپ> (qap) دېگەن ئۆلچەم نامى 10 / 1 شىڭغا باراۋەر كېلىدىغان <غاپ> (hap) دېگەن نامدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ. <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا <يېرىم قاپ ئۈزۈم ھارىقى> دېگەن ئىبارە بار. تۇرپاندىن تېپىلغان ئىجتىمائىي - ئىقتىسادقا دائىر ھۆججەتلەردە <30 تامبىن بىر قاپ ئۈزۈم ھارىقى> دېگەندەك ئىبارىلەر بار. <قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر> دىكى ئائىلە مال - مۈلكنى تىزىملاش ھۆججىتىدە ... <... ئۈچ (دانە)> ھەر بىرى ئۈچ قاپلىق كۈپ، ئۈچ (دانە)< ھەر بىرى بىر قاپلىق ئىدىش> (مۇھەممەترېيىم سايىت، ئىسراپىل يۈسۈپ: <قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 322 - بەت) دېگەن خاتىرە بار. دېمەك، <قاپ> سۇيۇق نەرسىلەرنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ئۆلچەم بىرلىكىدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قاپ | UyghurWiki | UyghurWiki