بادمان
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى. قۇجۇدىن تېپىلغان ئىجتىمائىي - ئىقتىسادقا دائىر ھۆججەتلەردە <ئىككى بادمان ئۇن>، <ئىككى بادمان يۇڭ>، <ئىككى بادمان ئەت>... دېگەندەك ئىبارىلەر بار. ئەمما ئۇنىڭ كونكرېتنى قىممىتى توغرىسىدا مەلۇمات يوق. مېنىڭچە، <بادمان> كېيىنچە <پاتمان> غا ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن.