باررو
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
باررو (barrel) - ئامېرىكا سىغىم ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى بولۇپ، ئادەتتە سۇيۇق نەرسىلەرنى ئۆلچەشتە قوللىنىلىدۇ. ئامېرىكا قانۇنىدا سۇيۇق جىسىملارنىڭ سىغىم مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن مەسىلەن، ئامېرىكا تاموژنىسى ستاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق خام نېفىت مەھسۇلاتىنىڭ بىر يادروسى 42 گاللون (ئامېرىكا گاللونى) بولىدۇ دەپ؛ ئامېرىكا فېدىراتسىيىسى قانۇنىدا ھاراق تۈرىدىكىلەرنىڭ بىر بارروسى 40 گاللون (ئامېرىكا گاللونى) بولىدۇ دەپ؛ ئېچىتىلغان سۇيۇقلۇقلاردىن فېدىراتسىيە بېجى ئالغاندا بىر بارروسىنى 31 گاللون (ئامېرىكا گاللونى) بويىچە ھېسابلاشنى بەلگىلىگەن. بەزى شىتاتلاردا يەنە بىر باررو 31.5 گاللون، 36 گاللون بويىچىمۇ ھېسابلىنىدۇ