UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىپاتمان Ⅱ

پاتمان Ⅱ

ئۆلچەم بىرلىكلىرى يەر مەيدان ە ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، مىقدارى ھەر قايسى دەۋرلەردە ئوخشاش بولمىغان. (1) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىر پاتماننى 37.65 موغا تەڭ دەپ بېكىتكەن. 19 - ئەسىردىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ياۋروپالىقلارنىڭ ھېسابلىشىغا قارىغاندا پاتماننىڭ قىممىتى ھەر قايسى جايلاردا ئوخشاش بولمىغان. يەنى كروپاتكىن بىر پاتماننى 64.36 مو دېگەن، شاۋ 46.09، 44.75 مو ۋە 58.69 مو دەپ كۆپ خىل سۇندۇرۇپ ھېسابلىغان. زاكۇت 56.5 موغا باراۋەر دېگەن. 30 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقلىق خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا بىر پاتمان 60.41 مو، 45.25 موغا باراۋەر كەلگەن. 50 - يىللاردىكى تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا قارىغاندا بىر پاتمان 60.22 مو ۋە 75.29 موغا تەڭ بولغان. بۇرھان ئەپەندى بىر پاتماننى 26.5 موغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغان. پاتمان ھازىرقى 90 موغا تەڭ كېلىدۇ. پاتماننىڭ ھەر قايسى ۋاقىت ۋە جايلاردا ھەر خىل سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتىكى سەۋەپ (1) دېھقانچىلىق تېخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىلگىرى ئاشلىق ئانچە قويۇق تېرىلمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل ئاشلىق (مەسىلەن: بۇغداي، قوناق، ئارپا) دانلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغاچقا بۇنداق بۇغداينىڭ تېرىلىدىغان يېرى ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمايدۇ. (2) باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم بىرلىكىدىكى ئۆزگىرىشلەر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن سۇندۇرۇپ ھېسابلاشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن پاتماننىڭ قىممىتىدە ئۆزگىرىش بولغان بولۇشى مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى
پاتمان Ⅱ | UyghurWiki | UyghurWiki