دەرھەم (دىرھەم)
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
<تۈركچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت> تە: <dirhem> - ئەرەب تىلىدىن كەلگەن قەدىمكى زامان ئېغىرلىق ئۆلچىمى.<ئەرەبلەرنىڭ كونا كۈمۈش پۇلى، بەك ئاز> دەپ ئىزاھلانغان. بۇنىڭدىن دەرھەمنىڭ قىممىتى بىر قەدەر كىچىك بولغان پۇل بىرلىكى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ <دەرھەم> نى تىببى دورا رېتسىپلىرىدا ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى قىلغانلىقىمۇ ئۇنىڭ مىقدارىنىڭ ئازلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئىبنى فەزلان مۇنداق دەيدۇ: بۇخارادا بۇ خىل پۇللار (دىرھەملەر) نى كۆردۈم. بۇلارنىڭ ئارىسىدا مىستىن، تۇچتىن ياسالغان <ئەل غىترىفىييە> (ھارۇن ئەل رەشىد دەۋرىدە خۇراسان ۋالىيىسى بولغان غىترىف بىن ئەتتاب تەرىپىدىن قويۇلغان دىرھەملەرگە بېرىلگەن نام. ئۇنىڭ ئىنىسى مۇسسەييەب تەرىپىدىن قويۇلغان دىرھەملەر <مۇسەييەب> دېيىلىدۇ) دېگەن بىر خىل پۇل بار ئىدى. بۇلار ئۆلچەنمەيلا ئېلىپ - سېتىلاتتى. ئۇنىڭ 100 دانىسى بىر كۈمۈش دىرھەمگە باراۋەر كېلەتتى< قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى> (1979 - يىل نەشرى) دا يېزىلىشىچە 12 -، 31 - ئەسىرلەردە قاراخانىيلار سۇلالىسى ئۇترار (پۇلىنى بارابۇ دەپ ئاتىغان) دا كۈمۈش يالىتىلغان بىر خىل مىس دەرھەم چىقارغان. دەرھەمدىن سىرت يەنە پارچە پۇل (ئىككىدىن بىر، ئۈچتىن بىر دەرھەمگە توغرا كېلىدىغان) ۋە پارچە يارماق (فىرىس) مۇ چىقارغان. ئىبنى رۇستەھنىڭ ئېيتىشىچە دەرھەملەر، بولۇپمۇ دۈگىلەك ئاق دەرھەملەر ئىسلام ئۆلكىلىرىدىن چىقاتتى.