مېتر
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
مېتر - خەلقئارا ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بولۇپ، بىر مېتر 100 سانتىمېترغا تەڭ. بازار سىستېمىسىدا بىر مېتر ئۈچ چىغا تەڭ. ئۆلچەملىك مېترغا ئىككى قېتىم ئېنىقلىما بېرىلگەن: بىرىنچى قېتىم، 1792 - يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى يەر شارى مېرىدىئانىنىڭ 40 مىليوندىن بىرىنى مېترنىڭ ئۆلچىمى قىلغان ۋە مېتر نۇسخىسىنى ياساپ ئۇنى ئۆلچەملىك مېتر قىلغان. ئۇنىڭ خاتالىق پەرقى 1000 / 1 دىن 100 / 1 مىللمېترگىچە بولغان. 1960 - يىلى ئىككىنچى قېتىم ئېنىقلىما بېرىلىپ، <ماسسا سانى 86 بولغان ساپ كروپتون ئىزوتوپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گاز زەررەت قويۇپ بەرگەندە چىققان نۇر دولقۇننىڭ 1657063.73 ھەسسىسى> گە تەڭ دەپ بېكىتىلگەن. يەر شارىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقىنى بۇ ئۆلچەملىك مېتر ئارقىلىق ئۆلچىگەندە 10 سانتمېترلا خاتارلىق پەرقى كۆرۈلگەن.