UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىتاختا

تاختا

ئۆلچەم بىرلىكلىرى تاختا - پارس تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، مەيدان (يۈز) بىرلىكى بولۇپ كەلگەندە، ئادەتتە چاسا شەكىلدىكى ئېتىز، قەغەز، قوغۇن - تاۋۇزلۇقلاردىكى ئىككى چۆنەك ئارىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە مۇقىم ئۆلچىمى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ياسىلىدىغان قەغەزنىڭ بىر تارختىسى 420 × 460 مىللىمېتىر كۆلەمدە بولىدۇ. ھازىر زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان قەغەزلەرنىڭ كۆلىمى ئىككى خىل بولۇپ، چوڭىنىڭ بىر تاختىسى 850 × 1168 مىللىمېتىر، كىچىكىنىڭ 787 × 1092 مىللىمېتر ئۆلچەمدە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى
تاختا | UyghurWiki | UyghurWiki