تاناب
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئوتتۇرا ئاسىيادا قوللىنىلغان ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، پاختا ياكى چىگەدىن ئىنچىكە ئېشىلگەن، بەلگىلىك ئۇزۇنلۇقتىكى تانا (يىپ) نى كۆرسىتىدۇ. <تاناب> ئەرەب تىلىدىن كەلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، شىنجاڭدا ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئىشلىتىشكە باشلىغان.
تاناب <بابۇرنامە> دە <ئۆلچەم تانابى> دېيىلگەن بابۇر: <بىر ئۆلچەم تانابى 40 قەدەمگە تەڭ؛ 100 تاناب بىر كۇرۇھقا تەڭ بولىدۇ> (زوھۇرىددىن مۇھەممەد بابۇر: <بابۇرنامە>، 661 - بەت) دەيدۇ. <تارىخىي ئەمىنىيە> دە بۇ سۆز <غەللە - تاناب> شەكلىدە ئۇچرايدۇ. بۇ يەر بېجىغا قارىتىلغان سۆز. بۇنىڭدىن بىر تانابنىڭ يەنە يەر كۆلىمىنىمۇ بىلدۈرىغىانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
بۇرھان شەھىدنىڭ <ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى توغرىسىدا> دېگەن ماقالىسىدىكى سۇندۇرۇپ ھېسابلىشىغا ئاساسلانغاندا، بىر تاناب تەخمىنەن ئىككى مو ياكى ئىككى چارەككە تەڭ كېلىدىكەن. جى داچۈن ئەپەندى: <تاناب - پاتماننىڭ 32 / 1 ىگە تەڭ> (<غەربىي يۇرت تەتقىقاتى> ژۇرنىلىنىڭ 1991 - يىللىق 1 - سانىغا قاراڭ) دەيدۇ.