UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىگېكتار

گېكتار

ئۆلچەم بىرلىكلىرى گېكتار - قەدىمكى گرېك - لاتىن تىلىدىن كەلگەن مېتر سىستېمىسىدىكى يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى. بۇ ئۆلچەم بىرلىكى ئىلى قاتارلىق جايلاردا ئازادلىقتىن ئىلگىرىلا قوللىنىشقا باشلىغان. <شىنجاڭدا 50 يىلىم> دېگەن كىتابتا يېزىلىشىچە 1949 - يىلى 10 - ئايدا ئىلى تەۋەسىدە بىر گېكتار يەر 10 مىڭ كۋادرات مېتر بولغان. خەلقئارادىمۇ شۇنداق بەلگىلەنگەن بولۇپ، بىر گېكتار = 10 مىڭ كىۋادرات مېتر خەلقئارا بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بەلگىسى <ha>. خەلقئارا بازار ئۆلچەم سىستېمىسىدا بىر گېكتار = 15 مو =2.47 ئېنگلىز موسى.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى
گېكتار | UyghurWiki | UyghurWiki