يارد
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
يارد - ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا سىستېمىسىدىكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، بىر يارد ئۈچ فوتقا، يەنى 0.9144 مېترغا تەڭ. بۇ ئۆلچەم بىرلىكى ئەنگلىيە پادىشاھى ھېنرى بىر دەۋرىدە بېكىتىلگەن بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇ بۇرنىنىڭ ئۇچىدىن بىگىز بارمىقىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقنى بىر يارد دەپ ئېلىشنى بەلگىلىگەن.