UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىسوم

سوم

ئۆلچەم بىرلىكلىرى سوم - روسىيىنىڭ يېقىنقى زامان پۇل بىرلىكىنىڭ نامى بولۇپ، شىنجاڭدا ئازادلىقتىن ئىلگىرى بىر سوم بازاردا 22000 - 22500 يۈەن قەغەز پۇلغا باراۋەر بولغان. ھۆكۈمەتلەر ئارا ئالماشتۇرغاندا بىر سوم 9000 يۈەن شىنجاڭ ئۆلكە پۇلىغا توغرا كېلەتتى. روسىيىدە 1917 - يىلىدىن بۇرۇن بىر سوم 001 تىيىنغا تەڭ ئىدى. ئازادلىقتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئۇيغۇر خەلقىمۇ <يۈەن> نى سوم دەپ ئاتىغان. ھازىر شىمالىي شىنجاڭدا يەنىلا شۇنداق. بىر سوم 100 تىيىنغا تەڭ. بۇ بىر يۈەن خەلق پۇلىنىڭ 100 پۇڭغا تەڭ بولغانلىقى بىلەن ئوخشاش. ھازىر قىرغىزىستاننىڭ پۇل نامى <سوم> دېيىلىدۇ. 1998 - يىلىدىكى مەلۇماتتا بىر سوم قازاقىستاننىڭ تۆت تەڭگە 28 تىيىنغا ئايرىۋاشلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى