UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىبىر قوش يەر

بىر قوش يەر

ئۆلچەم بىرلىكلىرى بىر قوش يەر، بىر قوش بىلەن يەنى بىر جۈپ قوش كالىسى قېتىلغان قوش بىلەن بىر كۈندە ھەيدىگىلى بولىدىغان يەر كۆلىمىنى بىلدۈرىدۇ. 1930 - يىلىدىكى تەكشۈرۈشتە بۇ خىل تېرىلغۇ يەر مەيدانىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرى ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقانىكەن. ئۇ تەخمىنەن يېرىم گېكتار كېلىدىكەن. يەنى كونا ئۆلچەم سىستېمىسىدىكى سەككىز مو يەرگە باراۋەر، ياكى يەرلىك ئۆلچەم سىستېمىسىدىكى 7.5 موغا باراۋەر ئىكەن (جى داچۇن: <ئۇيغۇرلارنىڭ كونا ئۆلچەم - تارازا سىستېمىسى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش>، <غەربىي يۇرت تەتقىقاتى>، 1991 - يىللىق 1 - سان).
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى
بىر قوش يەر | UyghurWiki | UyghurWiki