UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىتاپان

تاپان

ئۆلچەم بىرلىكلىرى تاپات ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ. پەقەت ئۆلچەش بىئەپ بولغان جايلاردىلا تاپان ئۆلچىمى ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن تۇرپاندا كارىز تېگىنىڭ كەڭلىكى تاپان بىلەن ئۆلچىنىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدا تونۇر قويغاندا (سېغىز لاي بىلەن تونۇر ياسىغاندا) تونۇر تۈۋىنىڭ دىئامېترى تاپان بىلەن ئۆلچىنىپ <مانچە تاپات چوڭلۇقتىكى تونۇر> دېيىلىدۇ. تۈركچە <ئوكيانۇس> تا بىر ئاياق (تاپان) 34 سانتىمېترغا تەڭ دەپ ئىزاھلانغان (<ئوكيانۇس> <تۈركچە>، Ⅲ توم، 2233 - بەت).
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى