ياغاچ
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ياغاچ (يىغاچ) - ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ قوللىنىلغان بىر خىل ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. تۈركچە <ئوكيانۇس> تا: <بىر ياغاچ ئالتە كىلومېترغا تەڭ> دېيىلگەن. يەنە بەزى مەنبەلەردە يېزىلىشىچە قەدىمدە بىر ياغاچ تەخمىنەن سەككىز كىلومېترغا باراۋەر كېلىدىغانلىقى مەلۇم <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا: <yicap> - ياغاچ - ئاغاچ. بىر ياغاچ يەر - بىر پەرسەخ يەر دەپ ئىزاھلانغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، <ياغاچ> - <پەرسەخ> بىلەن باراۋەر بولسا كېرەك.