تاغار
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى ھەجىم ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ھەجىم بىرلىكىنىڭ نامى. ئۇ ئاشلىق ۋە باشقا نەرسىلەرنى قاچىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. پاختا، يۇڭ، چىگە يىپلىرى بىلەن توقۇلىدۇ. شىنجاڭ تارىخىغا دائىر ماتېرىياللاردىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە <ئىكى يېرىم تاغار بۇغداي ئالدىم، بۇغداينىڭ ھەققىگە 16 ياشلىق ياكى 20 ياشلىق ئايال كىشىنى ... بېرىمەن> دېگەن ئىبارە بار. موڭغۇللار دەۋرى بىلەن يەكەن خانلىقى دەۋرىگە ئائىت يازما يادىكارلىقلاردا ئاشلىق ئۆلچەيدىغان تاغار تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېتنى قىممىتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق.
جۇۋەينىنىڭ <تارىخى جاھان كۇشاي> ناملىق ئەسىرىدە: <بىر تاغار 100 مانات>، 50 مانات بىر تۇلۇم بولىدۇ (جۇۋەينى: <تارىخىي جاھان كۇشاي>، ئىچكى موڭغۇل ىەلق خەلق نەشرىياتى، 1981 - يىل نەشرى، 725 - بەت) دېيىلگەن. بۇنىڭدىن بىر تاغار ئاشلىقنىڭ ئىككى تۇلۇم كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىشقا بولىدۇ. مىنورىسكىينىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بىر تاغار 675 قاداق مۇنداق دېيىلگەن: >ئەگەر ئۆلچەيدىغان تارازا يوق بولسا، ئاشلىق ئازراق بولسا دوپپا بىلەن، كۆپ بولسا تاغار بىلەن ئۆلچەپ ھېسابلىنىدۇ. تاغار دېگىنىمىز بۇ يەردە كىچىك خالتىنى كۆرسىتىدۇ، تاغارنىڭ چوڭى پاتماندۇر>. 1930 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقلىق خادىملارنىڭ قەشقەردە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، خەلق ئارىسىدا <بىر تاغار ئاشلىق 10 چارەككە تەڭ> دەيدىغان ئۆلچەم نىسبىتى بولغان (جى داچۇن: ئۇيغۇرلارنىڭ <كونا تارازا - ئۆلچەم سىستېمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش>، <غەربىي يورت تەتقىقاتى>، 1991 - يىل 1 - سان). جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بەزى جايلىرىدا يەنە <ئالتە چارەكلىك تاغار> مۇ بولغان. <تارىخىي ھەمىدى> دە لوپ تاغىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بىر تاغار بۇغداينىڭ ئېغىرلىقى 100 - 95 كىلوگرام؛ بىر تاغار قوناقنىڭ ئېغىرلىقى 90 - 80 كىلوگرام كېلىدىكەن. سانلىق مەلۇماتنىڭ مۇقىم بولماسلىقى - تاغارنىڭ كونا - يېڭىلىقى، ئاشلىقنىڭ قۇرۇق - نەملىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان.