بۆز
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
بۆز - ئادەتتە پاختا يىپتىن توقۇلغان رەختنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى قۇجۇدا خانلىق تەرىپىدىن مەلۇم چوڭلۇقتىكى بۆزنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت تامغىسى بېسىلىپ ۋە ئىمزا قۇيۇلۇپ بازاردا پۇل ئورنىدا ئوبوروتقا قاتناشتۇرۇلغان. بۇنداق <پۇل> لار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا <بۆز> دەپ ئاتالغان. (بەزى ۋەسىقىلەردە <قانپۇ>، <قۇنپۇ>، <قانپۇ> دەپمۇ ئاتالغان).
<لياڭنامە. قۇجۇ تەزكىرىسى> دە: <قۇجۇدا ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر كۆپ ئىكەن. بىرىنىڭ مېۋىسى پىلە قۇرۇتىنىڭ غوزىسىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئىنچىكە تالاسى بار، يەرلىك خەلق ئۇنى >بودى - جا< دەپ ئاتايدىكەن. يەرلىك خەلق ئۇنىڭدىن رەخت توقۇيدۇ. بۇ رەختنىڭ رەڭگى ئاق، بەك يۇمشاق بولۇپ، بازاردا پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ> دېيىلگەن. روشەنكى، بۇ پاختا رەخت بولۇپ قەدىمدە <بۆز> دەپ ئاتالغان. <جۇنامە. قۇجۇ تەزكىرىسى> دە: <باج - خىراج تۆلەش ئۈچۈن كۈمۈش پۇل ھېساب قىلىنىدۇ، يوقلاردىن بۆز - ماتا ئېلىنىدۇ> دېيىلگەن. <ۋېينامە. قۇجۇ تەزلىرىسى> دە: <مو بېشىغا قاراپ كۈمۈش پۇل تۆلەيدۇ، پۇلى يوقلار بۆز - خام تۆلەيدۇ> دەپ يېزىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە <... ئىشلىتىش ئۈچۈن بۆز كېرەك بولۇپ، ... بۆزنى مۇنداق پۈتۈشتۇق: لۈكچۈننىڭ بازىرىدا ئۆتىدىغان، ئىمزالىق (ۋە) تامغىلىق يىگىرمە ئۈچ بۆزگە توختاتتۇق> (مۇھەترېيىم سايىت، ئىسراپىل يۈسۈپ: <قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 143 - بەت). دېيىلگەن. بۇ خىل پۇلنىڭ كونكرېتنى قىممىتى ئېنىق مەلۇمات يوق.