نەيزە بويى
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
بۇ ئۆلچەم بىرلىكى قاراخانىلار دەۋرىدىلا قوللىنىلغان. <تۈركى تىللار دىۋانى> دا: <نەيزە بويى - بىر نەيزە بويى> دەپ ئىزاھلانغان. قەدىمدە بىر نەيزە بويى ئىككى غۇلاچقا تەڭ بولسا كېرەك. <تارىخى ئەمىنىيە> دە: <بىر نەيزە بويى تەخمىنەن ئىككى مېترغا تەڭ> دەپ ئىزاھلانغان.