UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىخو

خو

ئۆلچەم بىرلىكلىرى خو (پاتماننىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى) - ئازادلىقتىن ئىلگىرى شىمالىي شىنجاڭدا كۆپرەك قوللىنىلغان. جەنۇبىي شىنجاڭدا بولسا <پاتمان> قوللىنىغان. ئۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمىي ئۆلچەش ئەسۋابى بولۇپ، بىر خو 10 كۈرىگە توغرا كېلەتتى. كېيىن بەش كۈرىگە توغرا كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. شىنجاڭدا، ئۆتمەشتە يەرنىڭ كۆلىمىنى ئۆلچەشتە ئاشلىق ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب بىلەن ھېسابلايدىغان ئادەت بار ئىدى. 1 خو يەر - 1 خو (10 كۈرە) ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەر كۆلىمىگە، يەنى 100 مو يەرگە باراۋەر.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى
خو | UyghurWiki | UyghurWiki