كانتار
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. تۈركچە <ئوكيانۇس> تا: <كانتار ئەرەبلرنىڭ ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى. تۈركىيىدە بىر كانتار 56.462 كىلوگرام، ئەرەبلەردە 64 كىلوگرام بولىدۇ> دېيىلگەن. قەدىمدە كانتار كۆتۈرۈپ بازار ئارىلاپ يۈرۈپ باشقىلارنىڭ نەرسىلىىرنى ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ بېرىش بىلەن كۈن كەچۈرىدىغان بىر خىل كىشىلەر بولۇپ <كانتارچى> دەپ ئاتالغان.