سەر
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
سەر - شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى پۇل بىرلىكى. ئازادلىقتىن ئىلگىرى يەنى 1930 - يىللاردا شىنجاڭدا ئۈچ سەرلىك، بەش سەرلىك (1932 - يىلى)، 10 سەرلىك (1933 - يىلى) قىممەتتىكى ئۆلكە پۇلى تارقىتىلغان.
ئازادلىقتىن ئىلگىرى بىر يۈەنلىك كۈمۈش تەڭگىنى 40 - 50 سەر ئۆلكە پۇلىغا تېگىشكىلى بولاتتى. (بۇرھان شەھىدى: <شىنجاڭدا 50 يىلىم>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 363 - بەت). سەر يەنە ئېغىرلىق ئۆلچىمىنىڭ نامى.