UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىتوپ

توپ

ئۆلچەم بىرلىكلىرى توپ - پارس تىلىدىن كەلگەن ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى بولۇپ، ئادەتتە ئوراپ تېڭىلغان، ئۆلچەملىك قاتلانغان رەخت، قەغەزگە قارىتىلىدۇ. ئىلگىرى بىر توپ تەخمىنەن 30 مېترغا تەڭ بولغان. شۋېتسىيىلىك ئېكىسپېدىتسىيىچى فولك بېرگمان (1928 - 1934 - يىللىرى شىنجاڭدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشقا قاتناشقان) بىلەن سىۋېن ھېدىنلار قەدىمكى شىنجاڭدا بىر توپ يىپەك رەختلىك قانچىلىك ئۇزۇنلۇقتا بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ كۆرگە: رەختكە يېزىلغان بىراھما يېزىقىدىكى خەتنى ئاۋرېل بويىر <saparhsa gisti patf aistasya> دەپ ئوقىغان. بويىر ئۇنىڭ مەنىسىنى <بىر پارچەaista رەخت، gisti 46> دەپ يېشىدۇ. پروفېسسور لودىس pata دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى <يىپەك مال توپى> دېگەن بولىدۇ. (سانسكرىتچىدە patta دەپ يېزىلىدۇ. بۇ سۆز ئوتتۇرا ئاسىيا قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە دائىم ئۇچرايدۇ) saparisa دېگەن سۆز Caparisa دەپ ئوقۇش كېرەك دەپ تۈزەتكەن. ئۇنىڭ مەنىسى <40> دېگەنلىك بولىدىكەن. gisti ئەسلىدە Disti بولۇپ، شىنجاڭدىكى قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە قانۇنىيەتلىك ھالدا بىر ئۆلچەم بىرلىكىنى بىلدۈرگەن. فولك بېرگمان: <روشەنكى ئۇ جۇڭگونىڭ چىزىسى. ھىندى تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. دېمەك، قەدىمكى شىنجاڭدا يىپەك مال توپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 چى بولۇشى كېرەك. بۇ قەدىم زامان يىپەك ماللارنىڭ ئۆلچەملىك ئۇزۇنلۇقى، ئۆلچەملىك كەڭلىكى بولغانلىقىدا شەك يوق> دەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى
توپ | UyghurWiki | UyghurWiki